تۈركىيە مالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مالىدىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈش - مۇقىملاشتۇرۇش قىسمى بازىسىغا قىلىنغان تېرورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1581296
تۈركىيە مالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت مالىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۇجۇمدا يارىلانغان تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەسكەرلىرىگە شىپالىق تىلىنىپ، مۇنداق دېيىلدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مالىنىڭ مەركىزىي رايونىغا جايلاشقان كۆپ تەرەپلىمىلىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈش - مۇقىملاشتۇرۇش قىسمى بازىسىدا تېرورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكى، ھۇجۇمدا تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ 20 ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپتۇق، ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر