ھاككارىدا يېڭى ھەرىكەت باشلاندى

ھاككارىدا 2 مىڭ 218 خادىمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «ئەرەن-9 كازان-خان يايلىقى» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.

1580691
ھاككارىدا يېڭى ھەرىكەت باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى «ئەرەن-9 كازان-خان يايلىقى» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى دۆلەت كۈنتەرتىپىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىش ۋە رايوندا پاناھلىنىۋاتقانلىقى بايقالغان تېررورىستلارنى بىر تەرەپ قلىش مەقسىتىدە، يېڭى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ باشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتكە، قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ئەترىتى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە زەربىدارلار ئەترىتى، ئالاھىدە ساقچى قىسمى ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش ئەترەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 129 ئەترەت قاتناشتى.

باياناتتا، دۆلەت ئىچىدە تېررورلۇقنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن باشلانغان ئەرەن ھەرىكەتلىرىنىڭ، خەلقنىڭ قوللىشى ئاستىدا، زور ئىشەنچ ۋە قەتئىيلىك بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر