ئەردوغان: خەلقىمىزنىڭ خىزمەتكارى ئىكەنلىكىمىزنى دۆلىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كۆرسىتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «خەلقىمىزنىڭ خىزمەتكارى ئىكەنلىكىمىزنى دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېخىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق نامايان قىلىمىز» دېدى.

1579463
ئەردوغان: خەلقىمىزنىڭ خىزمەتكارى ئىكەنلىكىمىزنى دۆلىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كۆرسىتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ بايبۇرت، گىرەسۇن، نىگدە ۋە زولگۇلداق ۋىلايەتلىرىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك ۋىلايەتلىك قۇرۇلتايلىرىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىشتىراك قىلدى.

«يۇقۇم جەريانىدا دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلار، بىزنىڭ دۆلىتىمىزنى ئىگە قىلغان يېقىنقى 18 يىللىق خىزمىتىمىزنىڭ بىزنى ئىجابىي يۆنىلىشتە ئەۋزەللىككە ئىگە قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقىنىمىزدەك، ھازىرغىچە نېمە ئىشلارنى قىلغان بولساق، ئۇنى خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە قىلدۇق. قانداق ئۇتۇقنى قولغا كەلتۈرگەن بولساق، خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە قولغا كەلتۈردۇق. تۈركىيەنى 2023 – يىللىق نىشانلىرىغا يەتكۈزۈشنى، 2053 – يىللىق پىلانلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇشنىمۇ خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتىن تارتىپ چېگرالىرىمىزنىڭ  بىخەتەرلىكىنى قوغداشقىچە، ھەتتا بارلىق ئېزىلگۈچىلەرگە قول ئۇزارتىشقىچە بولغان قەتئىي سىياسەتلەر ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىمىز ئۈچۈن خۇشالمىز» دېدى.

ئۇ يەنە قارادېڭىزدىكى بۇرغىلاش خىزمەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «بىز نۆۋەتتە قارادېڭىزدا تەبىئىي گازغا ئېرىشتۇقمۇ؟ فاتىھ ئارقىلىق ئېرىشتۇق. ئەمدى ئىنشائاللاھ قانۇنىي (ناملىق پاراخوتىمىز) بىلەن ئېرىشىمىز. بۇرغىلاش خىزمەتلىرىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. تېخىمۇ پەرقلىق بىر ئورۇنغا ئىگە بولىمىز. ئەمدى دېڭىزنىڭ تېگىدە بۇرغىلاش خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر