ئەرەن - 8 ئامانوسلار ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خاتاي، ئوسمانىيە ۋە غازىئانتەپتە «ئەرەن - 8 ئامانوسلار ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1579179
ئەرەن - 8 ئامانوسلار ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىش ۋە رايونغا يوشۇرۇنۇۋالغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە باشلانغان ئەرەن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خاتاي، ئوسمانىيە ۋە غازىئانتېپ رايونلىرىدا ئەرەن - 8 ئامانوسلار ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى، ئادانا ژاندارما رايونلۇق قوماندانلىقىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە باشقۇرۇشىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتكە 1670 خادىمنىڭ ئىشتىراك قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر