تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسىنى قوللىدى

تۈركىيە، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش يېڭى شەرتنامىسى (START) نىڭ مۇددىتنىڭ يەنە 5 يىل ئۇزارتىلغانلىقىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالدى.

1576911
تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش شەرتنامىسىنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاكسوي ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى START شەرتنامىسى مۇددىتىنى 5 يىل ئۇزارتىش قارارى توغرىسىدىكى سوئاللارغا يازما جاۋاب قايتۇردى.

ھامى ئاقسوي: «بىز ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ  2021 – يىلى 5 – فېۋرالدا مۇددىتى توشىدىغان يېڭى START شەرتنامىسىنى 5 يىل ئۇزارتىش قارارىنى قارشى ئالىمىز ۋە قوللايمىز» دېدى.

ھامى ئاكسوي ئامېرىكا  بىلەن رۇسىيەنىڭ يادرو كۈچىنى چەكلەيدىغان يېڭى START شەرتنامىسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىجرائاتتىكى ئاخىرقى كېلىشىم بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ يەر شارى خاراكتېرلىك زور ئەھمىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ: «تاشلانغان بۇ مۇھىم قەدەمنىڭ قوراللارنى كونترول قىلىش تۈزۈمىنىڭ كۈچەيتىلىشىگە شۇنداقلا يەر شارىنىڭ بىخەتەرلىكىگە يۈزلەنگەن خىرىسلارغا قارشى كۈرەشكە ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر