پ ك ك غا ئېغىر زەربە بېرىلدى

خاتاينىڭ ئامانوس تاغلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئېغىر زەربە بېرىلدى.

1576673
پ ك ك غا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاتايدىكى ئامانوس تاغلىرىدا تېررورلۇق ۋەقەسى پەيدا قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئەسنادا ئۇجۇقتۇرۇلغان تۆت تېررورچىدىن بىرىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تىزىملىكىنىڭ قىزىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىكى ئاتالمىش ئامانوس ساھەسى مەسئۇلى ئىبراھىم شەنگۈل ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئورتاقلىشىپ: «ئامانوس تاغلىرىدا ۋەقە پەيدا قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئەسنادا ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى تۆت تېررورچىنىڭ بىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تىزىمىلىكىنىڭ قىزىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىكى ئاتالمىش ئامانوس ساھەسى مەسئۇلى بەدرەتتىن — بەدىرخان تەخەللۇسلۇق ئىبراھىم شەنگۈل... قەھرىمان (ئەسكەر)لىرىمىزنى تەبرىكلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ: #پ ك ك , #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر