ئەردوغان: مىكرو سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزى قۇرۇش خىزمىتىنى باشلىدۇق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «مىكرو سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزى قۇرۇش خىزمىتىنى باشلىدۇق» دېدى.

1575569
ئەردوغان: مىكرو سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزى قۇرۇش خىزمىتىنى باشلىدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى؛ «<تۈركسات— 5ئا> سۈنئىي ھەمراھىمىزنى 8-يانۋار ئوربىتىسىغا يوللىدۇق» دېگەن ئەردوغان، ئالەم بوشلۇقى مەشغۇلاتلىرىدا ئۇزۇن مۇساپىلىك سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئورنىغا ئەرزان باھالىق مىكرو سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ئاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ مەقسەتتە مىكرو سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزى قۇرۇش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى بەرگەن ئەردوغان: «قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۆلىتىمىز ۋە دوستلىرىمىزنىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ئالەم بوشلۇقىغا ئەۋەتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە: «بىز كەڭ ئىشلىتىش دائىرىسىگە ئىگە يىراق، شۇنداقلا تېخنولوگىيە جەھەتتە دۆلىتىمىزنى ماركا قىلىشقا بەل باغلىدۇق» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر