تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تۈنۈگۈن سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشۇدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1574767
تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن سومالى پايتەختى موقدىشۇدىكى ئافرىقا مېھمانخانىسىدا تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تۈنۈگۈنكى بومبىلىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە كۆپ ساندا ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «بىز بۇ قەبىھ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، قېرىنداش سومالى خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، قازا قىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، شۇنداقلا يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز. تۈركىيە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە سومالى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ سېپىدە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر