بۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك كابىنېتى يىغىنى چاقىرىلىدۇ

بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە جۇمھۇر رەئىسلىك كابىنېتى يىغىنى چاقىرىلىدۇ

1574963
بۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك كابىنېتى يىغىنى چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپى كوۋىد-19 غا قارشى كۈرەش بولىدۇ ۋە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بۇ ھەقتە دوكلات بېرىدۇ.

يىغىندا تەدبىرلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتتا ئەكس ئېتىشى باھالىنىدۇ، تەدبىرلەرنىڭ يۇمشىتىلىشى ياكى داۋاملاشتۇرۇشى قارار قىلىنىدۇ.

ۋاكسىنا ئەملەش كالېندارىمۇ مۇزاكىرە ئۈستىلىدىكى تېمىلارنىڭ بىرسى بولىدۇ. خىتاي، گېرمانىيە ۋە رۇسىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋاكسىنا خىزمەتلىرى شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى ۋاكسىنا ئەملەش خىزمەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

يىغىندا مەكتەپلەردە يۈزتۇرانە مائارىپنىڭ باشلىنىدىغان ياكى باشلانمايدىغانلىقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم تېمىلىرىدىن بىرسى بولغان ئىسلاھات مۇساپىسىمۇ كۈن تەرتىپتە بولىدۇ.

ئالاقىدار مىنىستىرلار ئەدلىيە ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھات خىزمىتىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى ئورتاقلىشىدۇ.

تاشقى سىياسەت تېمىسىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا بىلەن باشلانغان يېڭى جەريان باھالىنىدۇ. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى شۇنداقلا شەرقىي ئاقدېڭىز كونفېرانسى تەييارلىقلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر