«ئەرەن – 4 كارلىئوۋا – ۋارتو» ۋە «ئەرەن – 5 باگوك» ھەربىي ھەرىكەتلىرى باشلاندى

ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى «ئەرەن – 4 كارلىئوۋا – ۋارتو» ۋە «ئەرەن – 5 باگوك» ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1571105
«ئەرەن – 4 كارلىئوۋا – ۋارتو» ۋە «ئەرەن – 5 باگوك» ھەربىي ھەرىكەتلىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇپلىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان ئەرەن بۈلبۈلنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن، 2021 – يىلنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە، «ئەرەن ھەربىي ھەرىكەتلىرى» نىڭ باشلانغانلىقى، «ئەرەن – 1 تەندۈرەك»، «ئەرەن – 2 لىجە» ۋە «ئەرەن – 3 ئاغرى تېغى» ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «قوراللىق ساقچى قىسىملار، قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترەتلىرى، ساقچى ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترەتلىرى ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچى ئەترەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان 1620 خادىم (93 ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترەتلىرى) بىلەن <ئەرەن – 4 كالىئوۋا – ۋارتو>، قوراللىق ساقچى قىسىملار، قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترەتلىرى، ساقچى ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترەتلىرى ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچى ئەترەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان 2 مىڭ 550 خادىم (145 ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترەتلىرى) بىلەن <ئەرەن – 5 باگوك> ھەربىي ھەرىكەتلىرى باشلاندى. دۆلەت ئىچىدە تېررورىزمنىڭ ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىلىشى مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان <ئەرەن> ناملىق ھەربىي ھەرىكەتلەر، خەلقىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا، قەتئىي ئىرادە بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر