ئەردوغان دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان پاراخوتنىڭ كاپتانى بىلەن يەنە بىر قېتىم تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نىگېرىيە تەۋەلىكىدە دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان پاراخوتنىڭ كاپىتانلىرىدىن فۇرقان يارەن بىلەن يەنە بىر قېتىم تېلېفونلاشتى.

1570208
ئەردوغان دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان پاراخوتنىڭ كاپتانى بىلەن يەنە بىر قېتىم تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەگە ئالاقىدار بارلىق ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، گابونغا لەڭگەرلەنگەن پاراخوتنىڭ ھۇجۇمدىن قورتۇلغان ئۈچ خادىمىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا ئۇچۇر ئىگىلىگەن ۋە ئۇلارغا يەنە بىر قېتىم تەسەللىي بەرگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۇتقۇن قىلىنغان خادىملارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ جىددىي داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيەنىڭ لىبرېۋىلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىلۇفەر ئەردەم قايغىسىز دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن بولاپ كېتىلگەن «موزارت» ناملىق تۈرك يۈك پاراخوتىنىڭ ھۇجۇمدىن قورتۇلغان ئۈچ خادىمى بىلەن كۆرۈشتى.

لىبېرىيە بايرىقى ئېسىلغان «موزارت» ناملىق پاراخوت تۈنۈگۈن نىگېرىيەنىڭ لاگوس دېڭىز قىرغىقىدىن تەخمىنەن 180 مىل يىراقلىقتا دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىدى.

نىگېرىيەنىڭ لاگوس شەھىرىدىن جەنۇبىي ئافرىقانىڭ كېيپتاۋن شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان پاراخوتقا قىلىنغان تۈنۈگۈنكى ھۇجۇمدا پاراخوتنىڭ 19 خادىمىنىڭ بىر ئەزەربەيجانلىق خىزمەتچىسى قازا قىلغان، 15 ى گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلغانىدى.

ھايات قالغان ئۈچ كىشى پاراخوتنى تۈنۈگۈن گابوننىڭ گېنتىل پورتىدا لەڭگەرلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر