تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 137 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازاقىلغانلارنىڭ سانى 137 كىشىىگە يەتتى.
1570795
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 25 مىڭ 210 گە يەتتى.
يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 151 مىڭ 109 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 671 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.
ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 6 مىڭ 682 كىشىنى قوشقاندا، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 2 مىليون 134 مىڭ 403 گە يەتتى.