«ئىستانبۇل» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوت بۈگۈن دېڭىزغا چۈشۈرۈلىدۇ

مىلگەم «مىللىي پاراخوت» لايىھەسى دائىرىسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان «I» تىپلىق «ئىستانبۇل» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوت  بۈگۈن دېڭىزغا چۈشۈرۈلىدۇ.

1569434
«ئىستانبۇل» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوت بۈگۈن دېڭىزغا چۈشۈرۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ پاراخوت، ئىلغار ھاۋا مۇداپىئە ۋە يەر يۈزى ئۇرۇشى، سۇ ئاستى پاراخوتىدىن مۇداپىئەلىنىش جېڭى ۋە قاراۋۇلخانا مۇداپىئەسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.

رازۋېدكا ۋە كۆزىتىش، نىشاننى بايقاش، پەرقلەندۈرۈش ۋە تونۇش، بالدۇر ئاگاھلاندۇرۇش، بازا ۋە پورت مۇداپىئەسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىغان پاراخوت، پۈتۈنلەي مىللىي ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، دېڭىز-ئوكيان مۇداپىئەسىگە خاس ئىلغار ئىقتىدارغا ئىگە  قىلىپ لايىھەلەندى.

تاماملانغان چاغدا، ئۇزۇنلۇقى 113 مېتىر، كەڭلىكى 14.4 مېتىر بولىدىغان پاراخوتنىڭ، 2023-يىلى دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىغا سەپلەپ بېرىلىشى نىشان قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر