شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1569521
شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش مەقسىتىدە ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمى داۋامىدا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرق رايونىدا، چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر