مىنىستىر ئاقار ۋە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گۈلەر ئىراققا يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ياشار گۈلەر بىلەن بىرلىكتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادقا يۈرۈپ كەتتى.

1565799
مىنىستىر ئاقار ۋە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گۈلەر ئىراققا يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇداپىئە مىنىستىرى ئاقار ۋە باش ئىشتاب باشلىقى گۈلەرنىڭ ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ، باش مىنىستىرى مۇستاپا ئەلكازىمى، مۇداپىئە مىنىستىرى جۈمە ئاناد قاتارلىق ئىراقلىق ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈشى پىلانلانماقتا.

ئاقارنىڭ باغداد زىيارىتىنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئىراقنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى ھەمكارلىقىنى چۆرىدەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر