ئەردوغان ئىتالىيە باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىتالىيە باش مىنىستىرى جۇسېپپې كونتې بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1564694
ئەردوغان ئىتالىيە باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە – ئىتالىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا مۇناسىۋەتلىك شەرت – شارائىتلار يار بەرگەن ھامان ئىتالىيە بىلەن 3 – نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا باشلىقلار يىغىنىنى تۈركىيەدە چاقىرىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن.

ئىتالىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىسىدە تۈركىيەنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىتالىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى شەرقىي ئاقدېڭىزدا سوغۇققانلىق  بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا ۋە ھەققانىيەت ئاساسىدا پوزىتسىيە تۇتۇشقا يۈزلەندۈرىدىغانلىقىغا ئىنىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان، ھەمدە ئىتالىيەنىڭ لىۋىيەدە مىللىي كېڭەش ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق قەدەملىرىنى پايدىلىق دەپ قاراۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر