ئەردوغان: ياۋروپا ئىتتىپاقى بىزگە بەرگەن ۋەدىلىرىگە قەتئىي ئەمەل قىلمىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھازىرغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىلىرىدە قەتئىي تۇرمىغانلىقىنى ئېيتتى.

1564472
ئەردوغان: ياۋروپا ئىتتىپاقى بىزگە بەرگەن ۋەدىلىرىگە قەتئىي ئەمەل قىلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

ئەردوغان تۈنۈگۈن سالدۇرغان كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسىنىڭ ھېچقانداق ئەكس تەسىرىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، 28 كۈندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم قۇتا ۋاكسىنىنى سالدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ تۈركىيە- ياۋروپا ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ: «1963- يىلدىن بۇيان بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئىزچىل ھالدا ئىجابىي يۈزلىنىش بويىچە داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىپ كەلدۇق. ئەپسۇسكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىرغىچە بەرگەن ۋەدىلىرىنى قەتئىي ئەمەلگە ئاشۇرمىدى. ھازىر بىز يېڭى باسقۇچتا تۇرۇۋاتىمىز. ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىرىمىز ناھايىتى زىچ ھالەتتە داۋاملاشماقتا» دېدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن س – 400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىشىدىن بىئارام بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان: «بىزنىڭ مۇداپىئە سانائىتىمىز يولىدا تاشلايدىغان قەدەملىرىمىزنى ھېچقانداق دۆلەت بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ. بۇ پۈتۈنلەي بىزنىڭ قارارىمىزغا باغلىق ئىش. بىز رۇسىيە بىلەن س – 400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ بىرىنچى تۈركۈمىنى ھەل قىلغانىدۇق. ئىككىنچى تۈركۈم داۋاملىشىۋاتىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا رۇسىيە بىلەن كۆرۈشۈپ، نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلىشىمىز. (ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان جو) بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە نېمە دەيدىغانلىقىنى بىز بىلمەيمىز. بىزنىڭ دەۋاتقىنىمىز، مۇداپىئەمىزگە مۇناسىۋەتلىك قەدەملىرىمىزنى بىرىلىرىدىن رۇخسەت ئېلىپ تاشلىمايمىز. بىر شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەنمۇ ناتودا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىزگە يۆنىلىش بەلگىلەپ بېرىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە F-35 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ پۇلىنى تۆلىگەن بولۇشىغا قارىماي، ئامېرىكانىڭ بۇ ئايروپىلانلارنى ھازىرغىچە بەرمىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان: «ئامېرىكانىڭ قىلغىنى ئىتتىپاقدىشى بىر دۆلەتكە قارىتا سادىر قىلغان ئېغىر خاتالىق. ئۇچرىشىشلىرىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بايدىننىڭ بايدىننىڭ ئىجابىي قەدەملەرنى تاشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر