ئەردوغان: كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملەش يېقىندا باشلىنىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملەش پائالىيەتلىرىنىڭ ھەپتە ئاخىرلىرىغىچە باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، يىغىندا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەدبىرلەر سايىسىدا «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن قازا قىلىش ۋە يۇقۇملىنىش ئەھۋالىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشتە شەخسىي تازىلىقنىڭ مۇھىملىقىنى، خىتايدا ياسالغان 3 مىليون ۋاكسىنا دورىسىنىڭ تۈركىيەگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى، سىناق باسقۇچلىرىنىڭ تاماملىنىشى بىلەن بىرلىكتە، ئالدىن بېكىتىلگەن تەرتىپ بويىچە پەيشەنبە ياكى جۈمە كۈنى ۋاكسىنا ئەملەش پائالىيەتلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «‹كوۋىد – 19› ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ مەلۇم رەقەمنىڭ ئاستىغا تۆۋەنلىشىش بىلەن تەڭ يولغا قويۇۋاتقىنىمىزدەك، ئەلۋەتتە تەدبىرلەرنىمۇ تەدرىجىي ھالدا ئازايتىمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى يوقىتىلدى.