تۈركىيە ئىسپارتادا سومالى ئەسكەرلىرىنى تەربىيەلىمەكتە
تۈركىيە ئارمىيەسى سومالىدىن كەلگەن 150 ئەسكەرگە ھەربىي تەلىم - تەربىيە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
1558107
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تۈركىيە بىلەن سومالى ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي تەلىم – تەربىيە ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن، مېھمان سۈپىتىدە كەلگەن 150 ھەربىي خادىمغا «كوماندىر جەڭچىلەر ئاساسىي مەشىقى» قىلدۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.