مۇغلادا ئونلارچە كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى
مۇغلانىڭ مارمارىس ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە 19، بودرۇم ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە 34 قانۇنسىز كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.
1557406
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرى، مارمارىس دېڭىز تەۋەلىكىدە كېمىلىرى بۇزۇلۇپ قېلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان 19 كۆچمەننى قۇتقۇزۇپ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقتى.