تۈركىيە نىگېردىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

نىگېردە پۇقرالارغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمى تۈركىيەنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

1556300
تۈركىيە نىگېردىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، تۈنۈگۈن نىگېرنىڭ مالى چېگراسىغا يېقىن تچومباڭگو ۋە زارومۇدارېيې يېزىلىرىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، «بۇ قەبىھ تېرورلۇق ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. دوست ۋە قېرىنداش نىگېر خەلقىگە شۇنداقلا نىگېر ھۆكۈمىتىگە تەزىيە تېلەكرىلىرىمنى يوللايمىز. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت ۋە يارىدارلارغا بالدۇرراق شىپالىق تىلەيمىز» دېيىلدى.

تېرورلۇق ھۇجۇمىدا ھەممىسى پۇقرالار بولۇپ، جەمئىي 56 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە  20 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر