ئەردوغان: 2021 – يىلىنى ھەر ساھەدە يېڭى سەكرەش يىلىغا ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2021 – يىلىنى ھەر ساھەدە يېڭى سەكرەش يىلىغا ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1556143
ئەردوغان: 2021 – يىلىنى ھەر ساھەدە يېڭى سەكرەش يىلىغا ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان،  ئەلازىغ كۆمۈرھان كۆۋرۈكى ۋە ئۇنىڭ ئۇلىنىش تۇنېلىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا، ئىستانبۇلدىكى «ۋاھدەتتىن سارىيى» دىن ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشتىراك قىلدى، ھەمدە بۇ يەردە سۆزلىگەن نۇتىقىدا، كۆۋرۈكنىڭ ئۆز گۇرۇپپىسىدا دۇنيا بويىچە 4 – چوڭ لايىھە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «لايىھەسىدىن قۇرۇلۇشىغىچە بولغان پۈتكۈل قۇرۇلمىسى % 100 يەرلىك ۋە مىللىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ياساپ چىقىلغان كۆمۈرھان كۆۋرۈكى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىنژېنېرلىق ساھەسىدىكى كۈچى ۋە ئىقتىدارىنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى بولىدۇ.»

پۈتكۈل دۇنيانى ئەسىرگە ئېلىۋالغان كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا قارىماي، 2020 – يىلىمۇ خىزمەت سىياسىتىدىن قىلچە ۋاز كەچمىگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، خەلقىمىزنىڭ سالامەتلىكى بىلەن بىرلىكتە ئىشىنى، ئېشىنى ۋە كېلەچىكىنى قوغداش يولىدا دۆلىتىمىزنىڭ پۈتكۈل ئىمكانىيەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلدۇق.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، چەت ئەللەردىن كەلتۈرگەن ۋاكسىنىلارنىڭ ئەملىنىشكە باشلىنىشى بىلەن تەڭ «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشتە مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسىدىن ھالقىپ ئۆتىدىغانلىقلىرىغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىللىي ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتى توغرىلىقمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خۇدايىم بۇيرۇسا، ئەڭ كېچىككەندىمۇ، ئاپرېل ئېيىدا، تەتقىق قىلىپ ياساش پائالىيەتلىرى تېزلىك بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ئۆزىمىزنىڭ ۋاكسىنىلىرىمىزنىمۇ ئىشلىتىشكە تەييار ھالغا كەلتۈرىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، 2021 – يىلىنى ھەر ساھەدە يېڭى سەكرەش يىلىغا ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتىمىز، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك تەييارلىق خىزمىتى ئىشلەۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر