«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

سۈرىيەدە « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1556066
«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا ھۇزۇر ۋە تىنچلىق مۇھىتىنى بۇزۇشىغا قەتئىي يول قويمايۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يول قويمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتىدا،  بۇ دائىرىدە، رايوندا ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقان تۈركىيە ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ، رايوندا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ھۇجۇم قىلىش تەشەببۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، 3 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر