ئەردوغان: 2021 – يىلىدا ھەر دائىمقىغا ئوخشاش قەتئىي ئىرادە بىلەن نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەيمىز
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2021 – يىلىدا ھەر دائىمقىغا ئوخشاش قەتئىي ئىرادە بىلەن نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە تۈركىيە ئۈچۈن تېخىمۇ بەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە ئۆتكەن 2020 - يىلىدا نۇرغۇن ساھەدە، بولۇپمۇ سەھىيە ساھەسىدە قىممەتلىك لايىھەلەر ۋە مۇلازىمەتلەرنى خەلققە سۇنغانلىقىنى تەكىتلىدى.
2021 - يىلىدىمۇ ھەر دائىمقىغا ئوخشاش قەتئىيلىك بىلەن نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان: «تۈركىيە ئۈچۈن تېخىمۇ بەك تىرىشچانلىق بىلەن خىزمەت قىلىمىز» دېدى.
ئەردوغاننىڭ تىۋىتتېردىكى «2020-يىلى نېمىلەرنى قىلدۇق؟» سەرلەۋھىلىك يازمىسىدا، 40 مىليون كۆچەت تىكىش، جۇمھۇر رەئىسلىك دۆلەت كۇتۇپخانىسى، ئاياسوفيائىي كەبىر جامەسىنىڭ ئېچىلىشى، قارا دېڭىزدا 405 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز، رەسمىي زىيارەتلە ، قۇرۇلۇشلار، زاۋۇتلار، مۇئەسسىسەلەر، ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى، دوختۇرخانا، قاتناش، توسما ۋە سۇغىرىش لەيىھەلىرى، تېخنىكا، تېخنىكىلىق لايىھىلەر، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت، دۆلەت ئىچى زىيارەتلەر، ئىجتىمائىي ۋە سودا ياردەملىرى قاتارلىق ئىجرائاتلىرىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.