جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە 2020 - يىلىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ چىقىلدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى خەۋپسىزلىك ۋە تاشقى سىياسەت ئورگىنى ئىبراھىم قالىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە سىن يىغىنى چاقىرىپ، 2020- يىلىدىكى خىزمەتلەرگە قاراپ چىقتى.

1555066
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە 2020 - يىلىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ چىقىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى، قوشۇمچە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى خەۋپسىزلىك ۋە تاشقى سىياسەت ئورگىنى مۇئاۋىن رەئىسى ئىبراھىم قالىن، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى پ ك ك، پ ي د/ي پ گ شۇنداقلا دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى خەۋپسىزلىك ۋە تاشقى سىياسەت ئورگىنى ئىبراھىم قالىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە سىن يىغىنى چاقىرىپ، 2020- يىلىدىكى خىزمەتلەرگە قاراپ چىقتى.

تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك سەھىيە سىستېمىسى ئارقىلىق دۇنيانى ئىلكىگە ئېلىۋالغان كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملاشتۇرغانلىقى تەكىتلەنگەن يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتە چەت دۆلەتلەرگە قىلغان ياردەملرىگە ئىشارەت قىلىنىپ، دۇنيادىكى ياخشىلىق قىلىش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلىتى بولغان تۈركىيەنىڭ، ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ياردەم سىياسىتىنىڭ 2021 – يىلىدىمۇ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە لىۋىيەگە مۇناسىۋەتلىك تەۋرەنمەس سىياسەتلەر نەتىجىسىدە تۈركىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ۋە ھوقۇقلىرىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنغانلىقى، رايوندا تۈركىيەسىز ھېچقانداق تەڭپۇڭلۇق ئورنىتىلالمايدىغانلىقى قاتارلىقلارغا ئىشارەت قىلىنغان يىغىندا، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى پ ك ك، پ ي د/ي پ گ شۇنداقلا دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىپ، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يىغىندا، تۈركىيەنىڭ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى سىياسىي ئۆزگىرىش (2016) يولى ئارقىلىق ۋەيران قىلماقچى بولغان خىيانەت شايكىسى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشنىڭ تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاشلا بۈگۈن ۋە ئەتىمۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋام قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

يىغىندا يەنە، تۈركىيەنىڭ ھەربىي كېلىشىملەرنىڭ روھىغا ئاساسەن ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدا تۇرۇشىنىڭ تاغلىق قاراباغدىكى غەلىبىگە كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ تەبىئىي گاز بايقاشلىرىنىڭ ئىقتىسادتىكى سىرتقا بېقىنىپ قېلىشنى ئازايتىش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن يىغىنىدا، ئەنگلىيە بىلەن ئىمزالانغان ئەركىن سودا كېلىشىمى بىلەن ھازىرقى سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى قوغداش ھەم تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە رايونلۇق مەسىلىلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئىختىلاپلارغا قارىماي، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا دىپلوماتىيە، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىنغان يىغىنىدا يەنە، ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردىمۇ مۇناسىۋەتلەردىكى ئىجابىي كۈنتەرتىپنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر