تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا پ ك ك غا زەربە بەردى

ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 10 تېررورچى ھاۋا ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.

1553642
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا پ ك ك غا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن — باسيان رايونىدىكى چارلاش ۋە كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ئورنى ئېنىقلانغان پ ك ك ئەزاسى 10 تېررورچىنىڭ ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىقنىڭ تۋىتتېردىكى ئادرېسىغا چىقىرىلغان مەزكۇر بايانتتا: «ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغۇچە داۋاملىشىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر