چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ لىۋىيە سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «تۈركىيە لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىغان بولسا ئىدى، لىۋىيە مالىمانچىلىق پاتقىقىغا ئىتتىرىلگەن بولاتتى» دېدى.

1553722
چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ لىۋىيە سىياسىتى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ پارىژدا چىقىدىغان «Jeune Afrique» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

تۈركىيەنىڭ 2019 - يىلى نويابىردا ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن لىۋىيەدە ھەربىي تەلىم – تەربىيە بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، لىۋىيەلىكلەرنىڭ مۇنتىزم ئارمىيە قۇرۇپ، مۇداپىئە تارماقلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىگە يېتىۋاتقان خەۋپلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش جەھەتلەردە يارەم قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيەنىڭ لىۋىيە كىرىزىسىنى ھەربىي ئۇسۇللار بىلەن ئەمەس، سىياسىي يوللار بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ھەر دائىم تەكىتلەپ كەلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭبۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىلانىنى ئەنقەرەنىڭ قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

چاۋۇشئوغلۇ لىۋىيەدىكى 2021 - يىلى 12 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان سايلامدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە (ئىسيانچى گېنېرال خەلىپە) ھافتەر ۋە تەرەپدارلىرىغا قارشى ب د ت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىغان بولسا ئىدى، لىۋىيە مالىمانچىلىق پاتقىقىغا ئىتتىرىلگەن بولاتتى. تىرىشچانلىقىمىز سايىسىدا شامالنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگەردى، شۇنىڭ بىلەن لىۋىيەلىكلەر ئارىسىدا دىيالوگ ئۆتكۈزۈش ۋە ب د ت نىڭ قوللىشى ئاستىدا مۇرەسسەلىشىش تىرىشچانلىقلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى» دېدى.

ب د ت مۇساپىسى ۋە لىۋىيەلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان چاۋۇشوغلۇ، بۈگۈن لىۋىيەلىكلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىگە مىللىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىش تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

لىۋىيە ھەربىي ۋەزىيىتى بىلەن سىياسىي سۆھبەتنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشوغلۇ، بۇ سەۋەبتىن ئۇرۇش توختىتىشنى مۇھاپىزەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلارنىڭ تەكرارلىماسلىقى ۋە ھۇجۇملارنىڭ ھەر قانداق تۈرىگە يول قويۇلماسلىقى لازىملىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر