تۈركىيەدە بۈگۈن 253 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 253 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1538486
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 253 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 20 مىڭ 388 گە يەتتى.
بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 183 مىڭ 177 كىشىنىڭ ئىككى مىڭ 783 نەپىرىدە يېڭىدىن كېسەللىك بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 15 مىڭ 805 كە يەتتى.
يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 22 مىڭ تۆت كىشىنى قوشقاندا سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەرئومۇمىي سانى ئىككى مىليون 48 مىڭ 437 كىشىگە يەتتى.