مىنىستىر كوجا بىئونتېك ۋاكسىنىسى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، تۈركىيە بىلەن بىئونتېك شىركىتى ئوتتۇرىسىدىكى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمىنىڭ تۈنۈگۈن سەھەر سائەت 04:30 دا ئىمزالانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1552193
مىنىستىر كوجا بىئونتېك ۋاكسىنىسى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر فاھرەتتىن كوجا بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «بۇ يىل ئاجرىتىلغانلىقى پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن ئۇستازىمىز تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ۋاكسىنا مىقدارى 550 مىڭ قۇتا. بۇلارنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرى ياكى يانۋار ئېيىنىڭ بېشىدا كېلىشى كۈتۈلمەكتە. بۇنىڭ بىلەن بىرگە مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە تۆت يېرىم مىليون قۇتا ۋاكسىنا دۆلىتىمىزگە تاپشۇرۇلىدۇ. كېلىشىمگە ئاساسەن، تۈركىيەگە ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە 30 مىليون قۇتىغا يېقىن ۋاكسىنا تەمىنلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر كوجا كېچىكىپ كېتىش سەۋەبىنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ ۋاكسىنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى باسقۇچىدا ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قوبۇل قىلىشنى خالىماسلىقىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ توختامنىڭ مالىيە كۆلىمى بىلەنلا چەكلىنىشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى. بۇ ۋاكسىنىنى ئەملەشتىن ئىلگىرى پۇقرالىرىمىزغا ھەر خىل ئېھتىماللىقلار چۈشەندۈرۈلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقى ئېلىنىدۇ» دېدى.

بۇ كېلىشىمنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە توسالغۇلارنى يېڭىشتە پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىننىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىلىكىنى تەكىتلىگەن مىنىستىر كوجا: «تۈركىيەگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۇنتۇلمايدۇ. خەلقىمىزگە ۋاكالىتەن ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر