ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ تېخنولوگىيەلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملىق قوللايمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ تېخنولوگىيەلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش ۋە ئېكسپورت ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1552016
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ تېخنولوگىيەلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملىق قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 2012 – يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋە بۇ يىل 25 –دېكابىر باشلانغان، 26 – دېكابىر ئاخىرلىشىدىغان «تۈركىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش» ھەپتىلىكى پائالىيىتىگە يوللىغان سىنلىق تېلېگراممىسىدا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمى سەۋەبىدىن، ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ھەم ھەر جەھەتتىن قىيىن ئۆتكەلنى ھەم ئوخشىمىغان بىر باسقۇچنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شىركەتلىرىمىز يۇقۇم مەزگىلىدە سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى، رىقابەتلىك باھالىرى ۋە ئەڭ مۇھىمى ئىشەنچلىكلىكى بىلەن ئالدىنقى پىلانغا چىقتى. خەلقئارالىق شىركەتلەر، ئاسىيانى مەركەز قىلغان ئىشلەپچىقىرىش تورىنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئۈچۈن يېڭى ئىزدىنىش سەپىرىگە ئايلاندى. بۇ سەپەرلەردە، تۈركىيە سانائەت، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، رىقابەت باھاسى، لاياقەتلىك ئەمگەك كۈچى، جۇغراپىيەلىك ئورنى، قۇرۇلمىسى كۈچلۈك سەھىيە سىستېمىسى ۋە قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلاندى.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە، يۇقۇم سەۋەبىدىن دائىرىسى تارىيىپ كەتكەن ئىقتىسادىمىز، بۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە، كۈچلۈك ئەسلىگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمىز  بۇ مەزگىلدە % 6.7 زورايدى. بۇ نىسبەت بىلەن، دۇنيادىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز دۆلەتكە ئايلاندۇق. ئوخشاش شەكىلدە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرقى چارىكىگە ياخشى نەتىجىلەر بىلەن قەدەم قويدۇق. ئۆكتەبىردە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش يىللىق نىسبەتتە % 10.2 ئاشتى، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىدىكى ئېشىش نىسبىتى % 11 كە يەتتى. مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىدىكى ئېشىش نىسبىتى ئۆكتەبىردە% 75.4، نويابىردا% 75.8 كە يەتتى. ئۆكتەبىردە سانائەت، قۇرۇلۇش، سودا ۋە مۇلازىمەت ساھەلىرىنىڭ ئومۇمىي سودا سوممىسىنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى% 31 بولدى. ئېكسپورتىمىز ئۆكتەبىر ۋە نويابىر ئايلىرىدا 16-17 مىليارد دوللار ئارىلىقىدا ئەمەلگە ئاشتى.»

بولۇپمۇ ئېكسپورتنى ئاساس قىلغان شىركەتلەرنىڭ خېرىدار ۋە مەھسۇلات دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «خۇدايىم بۇيرۇسا، دۇنيا مىقياسىدا يۇقۇمنىڭ تەسىرى ئازىيىپ، ۋەزىيەت ئىزىغا چۈشكەنسېرى،  ئېلىمىزنىڭ قولغا كەلتۈرۈۋاتقان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىياتى تېزلىك بىلەن تېخىمۇ زورىيىدۇ. ئېكسپورتتىن ئىشلەپچىقىرىشقىچە، ساياھەتتىن دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىگىچە بولغان بارلىق ساھەلەردە بۇ باسقۇچتىن تېخىمۇ كۈچلۈك ھالدا ھالقىپ ئۆتىدۇ.»

ئۇ يەنە، يۇقۇم تەھدىتلىرىگە قارىماي، تۈركىيەنىڭ يانۋاردىن دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا 152 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورتنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنىمۇ  سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر