چاۋۇشئوغلۇ:دىپلوماتىيە سىياسىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمىغا قارىماي دىپلوماتىيە سىياسىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1551807
چاۋۇشئوغلۇ:دىپلوماتىيە سىياسىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  چاۋۇشئوغلۇ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «15 – نۆۋەتلىك بىخەتەرلىك ئاكادېمىيەسى: تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ۋە سىياسەتلىرى» تېمىلىق يىغىننىڭ يېپىلىشىغا، ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق قاتناشتى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمى باسقۇچىدا كۆپلىگەن دۆلەتلەردە سەھىيە سىستېمىلىرىنىڭ ئاساسي جەھەتتىن ۋەيران بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىمىز سايىسىدا ئاساسلىق ئىستېمال بۇيۇملىرى ۋە تېببىي  بۇيۇملارنى قولغا كەلتۈرۈشتە  ھېچقانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمىدۇق، دەل ئەكسىچە، كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە ياردەمدىمۇ بولدۇق.»

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمى مەزگىلىدە دىپلوماتىيە سىياسىتى ساھەسىدە ھېچقانداق بوشلۇق قالدۇرمىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «سۈرىيە، لىۋىيە، شەرقىي ئاقدېڭىز، قىبرىس ۋە ئۈستۈن قاراباغ قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە <ۋۇخەن ۋىرۇسى> يۇقۇمىغا قارىماي دىپلوماتىيە سىياسىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن داۋملاشتۇردۇق ۋە داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز.»

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ھەم دۇنيا بويىچە ئەڭ كەڭ دائىرىلىك 5 دىپلوماتىك تورىغا ئىگە ھەمدە ئىنسانىي تەرەققىيات ياردەملىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدى - كەينىدە  باشلامچى دۆلەت بولغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈستۈن قاراباغ ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۈستۈن قاراباغ مەسىلىسىدە نۆۋەتتە ئەزەربەيجان بىلەن ماس قەدەمدە ئەرمېنىيە بىلەن يېڭى بىر سەھىپە ئېچىشىمىز مۇمكىن.  ئەرمېنىيە ھەم ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلغان ھەم ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلغان، ھەمدە ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش توختىتىش ئىشقا ئاشقان تەقدىردە، مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش مەسىلىسىدە، ھەمئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە سۈپىتىدە، ھەمدە تۈركىيە – ئەرمېنىيە سۈپىتىدە تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلىشىمىز مۇمكىن. بۇ باسقۇچتىن ئەڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشىدىغان تەرەپ ئەرمېنىيەخەلقى بولىدۇ، ئەلۋەتتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر