چاۋۇشئوغلۇ باڭلادېش باش مىنىستىرى ھاسىنا بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، باڭلادېشتىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا باش مىنىستىر شەيخ ھاسىنا بىلەن كۆرۈشتى.

1551094
چاۋۇشئوغلۇ باڭلادېش باش مىنىستىرى ھاسىنا بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، داككادا باش مىنىستىر شەيخ ھاسىنا بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

چاۋۇشئوغلۇ ئۇچۇرىدا، «باش مىنىستىر شەيخ ھاسىناغا جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سالامىنى يەتكۈزدۇق. ئەلچىخانا بىنايىمىزنىڭ ئېچىلىشىنى يېقىندىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن شەيخ ھاسىناغا رەھمەت ئېيتىمەن. سىجىل تەرەققىياتى بىلەن جەنۇبىي ئاسىيانىڭ پارلاق يۇلتۇزىغا ئايلىنىۋاتقان باڭلادېش <يېڭىدىن ئاسىيا> ھەرىكىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم شېرىكلىرىنىڭ بىرى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ئۇ ئۇچۇرىدا يەنە تۈركىيەنىڭ كۆپ قاتلاملىق تاشقى سىياسەت پوزىتسىيەسى بولغان «يېڭىدىن ئاسىيا» تەشەببۇسى دائىرىسىدە، ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا سودا، سېلىنما، مائارىپ، مۇداپىئە سانائىتى، تېخنولوگىيە، مەدەنىيەت ۋە سىياسەت ساھەلىرى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، «يېڭىدىن ئاسىيا ھەرىكىتى تۈركىيەنىڭ سېلىنمىلىرىنىڭ جۇغراپىيەۋى جەھەتتىن كۆپ خىللاشتۇرۇلۇشى، خۇسۇسىي ئىگىلىكىدىكى ساھەلەرنىڭ سودا ساھەلىرىنىڭ كېڭەيتىلىشى، ئىلمىي ھەمكارلىقلارنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە ئىجتىمائىي تەسىرنىڭ ئاشۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى مەقسەت قىلىدۇ. باڭلادېش گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە ياش نوپۇسى بىلەن تۈركىيەنىڭ يېڭى ئاسىيا ھەرىكىتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئورۇندىكى شېرىكلىرى قاتارىدا ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر