مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىن بۈگۈن چاقىرىلدى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى يېڭى ھەپتىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلدى.

1545314
مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىن بۈگۈن چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا چاقىرىلىدىغان ۋە ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسىنى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش تەشكىل قىلىدىغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا، سەھىيە ئىلمىي كېڭىشىنىڭ تەۋسىيە قارارلىغىمۇ قاراپ چىقىلىدۇ.

يىغىندا، كوچىغا چىقىش چەكلىمىسىدىن ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش پائالىيەتلىرىگىچە، مائارىپتىن ئىقتىسادقىچە بولغان پۈتكۈل تېمىلار بويىچە، ھەمدە خىتايدىن زاكاس قىلىنغان ۋاكسىنىلار ئەملىنىدىغان باسقۇچقا مۇناسىۋەتلىك  تەپسىلاتلار  ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ، يەرلىك ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش پائالىيەتلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر