شەنتوپ ۋە فۇئات ئوكتاي ئەزەربەيجاننىڭ زەپەر كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئەزەربەيجاننىڭ «زەپەر كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

1543234
شەنتوپ ۋە فۇئات ئوكتاي ئەزەربەيجاننىڭ زەپەر كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ تۋىتتېردا ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىدا: «بىر ۋەتەن ھەرىكىتىدە زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن جان ئەزەربەيجاننىڭ زەپەر كۈنىنى تەبرىكلەيمىز. قاراباغدا ئەزەربەيجان تۈركلىرىنىڭ بايرىقىنى ئېسىش، زۇلۇم ۋە ئىشغالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن شاھادەت ئىچىشكە يۈگۈرگەن 2 مىڭ 783 قەھرىمانىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز. ياشىسۇن ئىككى دۆلەت، بىر مىللەت» دېدى.

ئۇ ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىغا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ، ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنىڭ ئازاد قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن باكۇدىكى داڭلىق ئازادلىق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن زەپەر پاراتىدا تارتىلغان بىر فوتوگرافنى قويدى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتايمۇ ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنىڭ ئازاد قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن زەپەر پاراتىنى تەبرىكلەپ، تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ: «44 كۈن داۋاملاشقان ۋەتەن ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ، ئارىدىن 30 يىل ئۆتكەندە قاراباغنى قايتا ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كەلگەن قەھرىمان ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنى ۋە زەپەر كۈنىنى تەبرىكلەيمەن. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇندىن كېيىنمۇ پۈتكۈل ئىمكانىيەتلىرىمىز بىلەن جان ئەزەربەيجاننى داۋاملىق قوللايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر