مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ: تېخىمۇ ئادىل ۋە باراۋەر بىر دۇنيا ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىش لازىم

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ تېخىمۇ ئادىل ۋە باراۋەر بىر دۇنيا ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

1543030
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ: تېخىمۇ ئادىل ۋە باراۋەر بىر دۇنيا ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىش لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 10 - دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى توغرىسىدىكى ئۇچۇرىنى تىۋىتتېردا ھەمبەھىرلىدى.

مىنىستىر مەلۇت چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېردىكى ئۇچرىدا، «بىز تېخىمۇ ئادىل ۋە باراۋەر دۇنيا ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. يەر شارى خاراكتېرلىك يۇقۇم مەزگىلىدە ئەۋج ئالغان ئىرقچىلىق، ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىش ۋە چەتئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىملىرىنى ھەمكارلىشىش ئارقىلىقلا مەغلۇپ قىلالايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر