ئەردوغاننىڭ ئىككى كۈنلۈك ئەزەربەيجان زىيىتى بۈگۈن باشلىنىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىككى كۈنلۈك ئەزەربەيجان زىيارىتى بۈگۈن باشلىنىدۇ.

1542036
ئەردوغاننىڭ ئىككى كۈنلۈك ئەزەربەيجان زىيىتى بۈگۈن باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن قاراباغدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن بۈگۈن تۇنجى قېتىم يۈز تۇرانە كۆرۈشىدۇ.

ئەردوغاننىڭ ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان زىيارىتى جەريانىدىكى ئۇچرىشىشلاردا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، قاراباغ مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، شۇنداقلا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى نازارەت قىلىش بىرلەشمە مەركىزىنىڭ پائالىيەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ بىرلىكتە تاشلايدىغان قەدەملىرى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ ئىشغال ئاستىدىكى زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش مەقسىتىدە ئەرمېنىيەگە قارشى قوزغىغان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ غەلىبىلىك ئاخىرلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەتە پايتەخت باكۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان زەپەر بايرىمى مۇراسىمىغىمۇ ئىشىتراك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر