سويلۇ: ئاغرى - ئىران چېگراسى بىخەتەرلىك تېمى قۇرۇلۇشى پۈتتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇ، ئاغرى – ئىران چېگراسىدىكى 81 كىلومېتىرلىق بىخەتەرلىك تېمى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

1539692
سويلۇ: ئاغرى - ئىران چېگراسى بىخەتەرلىك تېمى قۇرۇلۇشى پۈتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر سۈلەيمان سويلۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، «مىنىستىرلىقىمىزنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش سىستېمىلىرى دائىرىسىدە، ئاغرى ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىران چېگراسىدىكى 81 كىلومېتىر جايغا بىخەتەر تېمى سېلىش قۇرۇلۇشى بۈگۈن ئاخىرلاشتى. جۇغراپىيەلىك تۈزۈلۈشىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇشىغا قارىماي، ئىككى يىل ئىچىدە قۇرۇلۇشنىڭ ھازىرقى ھالەتكە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاغرى ۋالىيلىق مەھكىمىمىزگە، بۇ خىزمەتكە زور تۆھپە قوشقا ئاممىۋى ئولتۇراق قۇرۇلۇشلىرى ئىدارىسى – توكىغا ۋە ھۆددىگەرلەرگە، شۇنداقلا قۇرۇلۇشنىڭ روياپقا چىقىرىلىشىغا ئەستايىدىل كۈچ چىقارغان ئىشچى – خىزمەتچىلىرىمىز بىلەن ئىنژېنېرلىرىمىزغا ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتلىرىنى بىتچىت قىلغان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىزگە رەھمەت ئېيتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر