تۈركىيە تەلئەبيادلىقلارغا ھەر جەھەتتىن ياردەمچى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

سۈرىيەنىڭ پ ك ك / ي پ گ ئۇنسۇرلىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلغان تەلئەبياد ناھىيەسىدە، خەلقنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تۈركىيەنىڭ ھىمايىسىدە دىنىي تەلىم – تەربىيە بېرىلمەكتە.

1538565
تۈركىيە تەلئەبيادلىقلارغا ھەر جەھەتتىن ياردەمچى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق (2019 – يىلى ئۆكتەبىر – نويابىر ئايلىرىدا) بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئۇنسۇرلىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلغان سۈرىيەنىڭ تەلئەبياد ناھىيەسىدە، خەلقنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تۈركىيەنىڭ قوللىشى بىلەن دىنىي تەلىم – تەربىيە بېرىلمەكتە.

شانلىئۇرفا ۋالىيلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، تەلئەبياد ناھىيەسىدە (تۈركىيەنىڭ) شانلىئۇرفا ۋىلايىتى ۋالىيلىق مەھكىمىس سۈرىيەگە ياردەم بېرىش ۋە ماسلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تەلئەبيادلىقلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، تۇرمۇشنىڭ نورمال ئىزىغا چۈشۈش سۈرئىتى تېزلىك بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان تەلئەبيادتا خەلقنىڭ تەلىپىگە بىنائەن قۇرئان كەرىم ۋە فىقھى دەرسلىرىنىڭ بېرىلىشكە باشلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

شانلىئۇرفا ئەييۇبىييە مۇپتىلىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان دىنىي ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا تەلئەبياد مەركىزىگە قاراشلىق ئەبۇتالىب جامەسىدە 45، رەۋزە جامەسىدە 50، مۇسا بىن ئۇمەير جامەسىدە 14، دارۇلئەيتام جامەسىدە 20، جەنۇبىييە ۋە شەرقىييە يېزىلىرىدا 25 ئوقۇغۇچىنىڭ قاتنىشىپ، قۇرئان كەرىم ۋە فىقھىي يادلاشلىرىنى تۈگەتكەنلىكى، بۇ دائىرىدە جەمئىي 154 ئوقۇغۇچىغا تەقدىرنامە تارقىتىپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن تەلئەبيادتىكى 35 مەكتەپنىڭ 6 مىڭ ئوقۇغۇچىسىغا كۆچمە كىنوخانا تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ بالىلار فىلىملىرى قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر