پ ك ك سېپىدىكى يىمىرىلىش ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا

قايىل قىلىش يولى ئارقىلىق تەسلىم بولغان تېررورچىلار سانى 218 گە يەتتى.

1538801
پ ك ك سېپىدىكى يىمىرىلىش ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىنىڭ قايىل قىلىش خىزمەتلىرى سايىسىدا تەسلىم بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مىنىستىرلىقنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن جامائەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى بىلەن ژاندارما باش قوماندانلىقى ئېلىپ بارغان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، پ ك ك/ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قاچقان ئىككى كىشى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تەسلىم بولغان مەزكۇر تېررورچىلارنىڭ 2014 ۋە 2015 – يىللىرى تەشكىلاتقا قاتنىشىپ سۈرىيەدىكى پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

يېڭىدىن تەسلىم بولغان مەزكۇر ئىككى كىشىنى قوشقاندا قايىل قىلىش خىزمەتلىرى سايىسىدا پ ك ك/ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قېچىپ تەسلىم بولغانلار ئومۇمىي سانى 218 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر