تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە سومالىدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1535937
تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، تۈنۈگۈن سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدا ئايرودۇرۇم ئەتراپىدىكى بىر چايخانىدا ۋە بۈگۈن ئابدۇلئەزىز رايونىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 8 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 10 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، مۇنداق دېيىلدى: «بۇ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، قېرىنداش سومالى خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر