مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى تونۇپ يېتىشىنى كۈتمەكتىمىز

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى تونۇپ يېتىشىنى ۋە تۈركىيەنىڭ ئەزا بولىشىنىڭ ئىتتىپاققا ئېلىپ كېلىدىغان قىممىتىنى كۆرۈپ يېتىشىنى كۈتىدىغانلىقى ئېيتتى.

1533401
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى تونۇپ يېتىشىنى كۈتمەكتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)، پىلان ۋە خامچوت كومىتېتى يىغىنىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2021 - يىللىق خامچوتىنى تونۇشتۇردى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شەرقىي ئاق دېڭىز ۋە ئەگە دېڭىزىدىكى ئەھۋاللارنىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «گىرېتسىيە ۋە قىبرىس رىم تەرەپ ھاكىمىيىتى قوشماقلىرى يالغۇز ئەمەس. بەزى ئەزالار دۆلىتىمىز بىلەن بولغان ئۆزئارا مەسىلىلەرنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سۆرەپ كىرمەكتە. ئۇلار ئاتالمىش​​ ئىتتىپاققا ئەزالىق نىقابىنى تاقىۋىلىپ، داۋاملىق بىزگە قارشى  سۇيئىستېمال قىلماقتا» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ خاتالىقتىن قايتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «ئەگەر بۇنى قىلالىسا، ھەمكارلىقىمىزدىن پۈتكۈل ياۋروپا پايدىغا ئېرىشىدۇ. ئەگەر قىلالمىسا، پۈتكۈل ياۋروپا زىيان تارتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى تونۇپ يېتىشىنى ۋە تۈركىيەنىڭ ئەزا بولىشىنىڭ ئىتتىپاققا ئېلىپ كېلىدىغان قىممىتىنى كۆرۈپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.  شۇنداق بولغاندا بىز ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك مۇناسىۋەت ئورنىتالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئالاقىمىزدا، ئىجابىي دىيالوگ ئىچىدە بولۇش ئارزۇيىمىزنى تەكىتلەيمىز» دېدى.

تۈركىيەنىڭ بۇ جەھەتتە يالغۇز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى ئارىسىدا بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ ھەققانىيلىقىنى بىلىدىغان ۋە تۈركىيە بىلەن ئورنىتىلغان دىيالوگنىڭ ياۋروپانىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن دۆلەتلەرنىڭ كۆپ سانلىقتا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە بولسا، نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن خىرىسلار ۋە يوشۇرۇن پۇرسەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، سۈرىيە، بولۇپمۇ لىۋىيە قاتارلىق رايون خاراكتېرلىك تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە، بەزى پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىنىڭ بولىشىغا قارىماي، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقدىشى بولغان ئامېرىكا بىلەن مەسلىھەت ۋە ماسلىشىش ئىچىدە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر