تىنچلىق بۇلىقى رايونىغا مەخپىي كىرمەكچى تېررورىستلار بىر تەرەپ قىلىندى
تىنچلىق بۇلىقى رايونىغا مەخپىي كىرمەكچى بولغان پ ك ك|ي پ گ غا ئەزا ئالتە تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى.
1532521
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا پ ك ك|ي پ گ تېررورىستلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەر مۇھىتقا زىيان سېلىش ئۈچۈن ھۇجۇم ۋەقەسىنى پەيدا قىلماقچى بولغان ئالتە پ ك ك|ي پ گ تېرروىستىنىڭ، ئالاھىدە قىسىم تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنىدى.
ماردىن ۋىلايىتىنىڭ دارگەچىت ۋە مىديات ناھىيەلىرىگە قاراشلىق تۆت يېزا مەھەللىسىدە پ ك ك غا قارشى ھەرىكەت باشلاندى.