ئىبراھىم قالىننىڭ بىريۇسسېل زىيارىتى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ئۇچرىشىشلىرىدا، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى، ئاقدېڭىز، لىۋىيە، سۈرىيە ۋە قاراباغ ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

1531723
ئىبراھىم قالىننىڭ بىريۇسسېل زىيارىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن، 10 – 11 – دېكابىردا  ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا، تۈنۈگۈن بىريۇسسېلدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېس مىچېلنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى باش مەسلىھەتچىسى ماريام ۋان دېن ھۇۋېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېننىڭ ئىچكى كابىنېت ئىشلىرى مەسئۇلى بجوم سېيبېرت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باش كاتىپى ھېلگا سىچمىد قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى.

تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى، شەرقىي ئاقدېڭىز، لىۋىيە، سۈرىيە ۋە تاغلىق قاراباغ قاتارلىق رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشلاردا، قالىن، تاموژنا ئىتتىپاقىنىڭ بەلگىلىمىلىرىنىڭ يېڭىلىنىشى، كۆچمەنلىك كېلىشىمى، ۋىزىسىز ساياھەت ۋە سىياسىي دىيالوگ قاتارلىق ساھەلەردە ئىجابىي قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ئادىل ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن يېڭى پىكىرلەرگە ئېھتىياج بارلىقىنى، تۈركىيەنىڭ گىرېتسىيە بىلەن ئىزدىنىش مۇزاكىرىلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا باشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان قالىن، تۈركىيەنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش يولىدا ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان قالىن، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە ئۆزئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان يېڭى ۋە ئىجابىي قەدەملەرگە ئېھتىياج بارلىقىنى بايان قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رايونلۇق مەسىلىلەردە زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن قالىن، رايونلۇق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن، دىيالوگ ۋە ھەمكارلىقنىڭ بارلىق تەرەپلەرگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى ئەڭ مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك نىشان دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن قالىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ، بارلىق ئىدېئولوگىيەلىك ۋە سىياسىي گۇمانىي قاراشلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگە ئىستىراتېگىيەلىك ئەقىل نۇقتىسىدىن قارىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى ھالسىرىتىشى ۋە گۆرۈگە ئېلىۋېلىشىغا يول قويۇلماسلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى قەيت قىلغان قالىن، ئەھمىيىتى بارغانسېرى زورىيىۋاتقان تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىدە دەرھال ئىجابىي كۈنتەرتىپكە ئۆتۈلۈشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر