ئەردوغان تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسى ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسى ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى.

1530944
ئەردوغان تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسى ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدا، تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسى ھەيئىتىنى قوبۇل قىلغاندا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمىنىڭ، ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل دۇنيا بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيەنىمۇ قىيىن ئۆتكەلگە دۇچار قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش ۋە بىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قانداق بولۇشىدىن  قەتئىينەزەر، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> باسقۇچىنى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىنمۇ ياخشىراق باشقۇرۇۋاتقانلىقىمىز ھەممىگە ئايان. خەلقىمىزنىڭ سالامەتلىكى بىلەن ئىقتىسادىي ئېھتىياجلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئۇيغۇن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ قالغان ھالدا يولىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. يەر شارى خاراكتېرلىك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىدا پەقەت 100 يىلدا بىر قېتىم كۆرۈلىدىغان بىر ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ھەممە بىردەك بىلىدۇ. دېموكراتىيەمىزنى، ھەق – ھوقۇقلىرىمىزنى قوغداپ ۋە ئەركىنلىكلىرىمىزنىڭ قۇرۇلمىسىنى مۇستەھكەملەپ، مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى جانلاندۇرىمىز، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قەدىمىمىزنى تېزلىتىمىز ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سەۋىيەمىزنى يۈكسەلدۈرىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تۈركىيە يېڭى يەر شارى خاراكتېرلىك، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي دۇنيا تەرتىپىدە كۈچى ھەم تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ھەر تۈرلۈك پۇرسەتكە، ئىمكانىيەتكە ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا ئىگە دۆلەتتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر