ئەردوغان: تۈركىيە ئىشلەپچىقىرىش، سېلىنما، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئېكسپورتقا مەركەزلىشىشى كېرەك

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتە ئىشلەپچىقىرىش، مەبلەغ سېلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئېكسپورتقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1530051
ئەردوغان: تۈركىيە ئىشلەپچىقىرىش، سېلىنما، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئېكسپورتقا مەركەزلىشىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيە سودا – سودا سانائەت ۋە پاي چېكى بازالىرى ئۇيۇشمىسى ئىقتىساد شۇراسى (كېڭىشى) يىغىنىدا سۆز قىلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «ھازىر ئالدىمىزدا يېڭى بىر دەۋرىمىز بار. بىز زېھنىمىزنى ئىشلەپچىقىرىش، مەبلەغ سېلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئېكسپورتقا مەركەزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. نۆۋەتتە خوت ئالماشتۇرۇش يەتمەيدۇ، ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىش ئىرادىمىز قەتئىي» دېدى.

يۇقۇم مەزگىلىدە قىممىتى روشەن گەۋدىلەنگەن شەھەر دوختۇرخانىلىرى بىلەن ئومۇمىي ساغلاملىق سۇغۇرتا سىستېمىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەردوغان، «ئۇچرىغان ھۇجۇملار سەۋەبىدىن مۇستەقىللىقىمىز ۋە كېلەچەكىمىزنى قوغداش كۈرىشىگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، مەبلەغ سېلىشقا ۋە ئىقتىسادقىمۇ سەل قارىمىدۇق» دېدى.

ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتلار ئارقىلىق تۈركىيەنى سودا قىلىش قولايلىقى كۆرسەتكۈچىدە 27 بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈپ، 190 دۆلەت ئىچىدە 33 – ئورۇنغا يەرلەشتۈرگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، سېنتەبىر ئېيىنىڭ دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۈچىنچى چارەكتە كۈچلۈك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنىڭ جەزملەشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ  سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىمىز ئاشتى، بىز پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىقىغا بىرلىكتە كاپالەتلىك قىلىمىز. مەقسىتىمىز، پات پۇرسەتتە پۇل پاخاللىقىنى بىر خانىگە چۈشۈرۈشتۇر. قۇرۇلمىلىق ۋە مىكرو ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئېشىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تونۇشى بىلەن يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. دۆلىتىمىز تەييارلىق باسقۇچىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان، يۇقۇمنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، بۇ مەسىلىلەرنى يېڭىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر