بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 94 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 94 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1528776
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 94 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 11 مىڭ 594 كە چىقتى.
بىر كۈندە 151 مىڭ 516 كىشى تەكشۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 مىڭ 316 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 2 مىڭ 712 كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ جەمئىي سانى 356 مىڭ 375 كە چىقتى.