تۈركىيە ب د ت ساختا كۆرۈنۈش ۋە خەۋەرلەرنى تايانچ قىلغان باياناتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالاھىدە رەسمىيەتلەر مېخانىزمى ئېلان قىلغان باياناتتىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ ئاساسسىز شۇنداقلا ئەمەلىيەت بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئۇقتۇردى.

1527434
تۈركىيە ب د ت ساختا كۆرۈنۈش ۋە خەۋەرلەرنى تايانچ قىلغان باياناتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئالاھىدە رەسمىيەتلەر مېخانىزمىنىڭ باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەيىبلەشلەر توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئەرمېنىيەنىڭ سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ ئاتالمىش ​​دەلىل- ئىسپات سۈپىتىدە ئىنتېرنېت ئارقىلىق تارقاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاقسوي، «بۇ ساختا سىن كۆرۈنۈشلىرى ياكى پۇل بېرىپ سۆزلەتكۈزۈلگەن كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئىشىنىشكە تېگىشلىك تەرىپى يوق» دېدى.

ئاقسوي، «دۆلىتىمىزنىڭ قاراشلىرىنى بىلدۈرۈشىنى ساقلىماستىنلا، قارا تەشۋىقاتنىڭ مەھسۇلى بولغان ساختا كۆرۈنۈشلەر ۋە خەۋەرلەرگە ئاساسەن ئېلان قىلىنغان بايانات، ب د ت ئالاھىدە رەسمىيەتلەر مېخانىزمىنىڭ ئىناۋىتىگە داغ چۈشۈردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ب د ت دىن بىر تەرەپلىمە ۋە ئاممىنى قايمۇقتۇرغۇچى باياناتلارنى ئېلان قىلىشىنى كۈتمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئاقسوي، مېخانىزمنىڭ خىزمىتىنى ئوچۇق- ئاشكارا شۇنداقلا ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ كۆز قارىشىغا قۇلاق سالغان ئاساستا ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر باياناتتىكى ئەرمېنىيەنىڭ توقۇنۇشتا چەت ئەل جەڭچىلىرىدىن پايدىلانغانلىقى توغرىسدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بەرگەنلىكىنىڭ ئىجابىي ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، ئەمما يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئاقسوي، ئەرمېنىيەنىڭ سۈرىيەدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزالىرىنى ئۈستۈن قاراباغقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنىڭ ھەممىگە مەلۇملۇق ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ: #ب د ت , #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر