فىرات قالقىنى رايونىدا تېررورىستلارغا زەربە بېرىلدى
سۈرىيەدە فىرات قالقىنى رايونىدا ئوق چىقارغان ھالدا چېگرادىن مەخپىي ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ نىڭ ئىككى ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.
1524474
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە فىرات قالقىنى رايونىدا ئوق چىقارغان ھالدا چېگرادىن مەخپىي ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ نىڭ ئىككى ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتېتر بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ غا ئەزا تېررورىستلار فىرات قالقىنى رايونىغا ئوق چىقىرىپ، چېگرادىن مەخپىي ئۆتۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ غا ئەزا ئىككى تېررورىستنىڭ ئالاھىدە زەربىدارلار تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.