چاۋۇشئوغلۇ: ئىرىقچىلىق ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا زىيان يەتكۈزمەكتە

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ياۋروپادا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ئاۋامچىلىق، ئىرقچىلىق ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى قاتارلىق ئېقىملارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىك قىلىدىغان قىممەت ئۆلچەملىرىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1523087
چاۋۇشئوغلۇ: ئىرىقچىلىق ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا زىيان يەتكۈزمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئانتاليادا ئۆزىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان، «شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ئەللىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ غەيرىي رەسمىي يىغىنى» نىڭ ئېچىلىشىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنىڭ، بولۇپمۇ 1990- ۋە 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا رايوندىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش ۋە تەرەققىي قىلىشىدا باشلامچى بولغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن كۆپلىگەن ساھەلەردە بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى تاماملىغان تۈركىيەنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزى ئوتتۇرىغا تاشلىغان بۈگۈنكى كۈندىكى غايىلارغا ئاساسەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى، ئايرىمچى ئەمەس، بىر گەۋدىلەشتۈرگۈچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى مەزگىللەردە ياۋروپادا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ئاۋامچىلىق، ئىرقچىلىق، چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى قاتارلىق ئېقىملار ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىك قىلىدىغان قىممەت ئۆلچەملىرىگە زىيان يەتكۈزمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر