ئەردوغان: تۈركىيە ئۆزىنىڭ نىشانى ۋە پىلانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ نىشانى ۋە ئۆزىنىڭ پىلانىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1517451
ئەردوغان: تۈركىيە ئۆزىنىڭ نىشانى ۋە پىلانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادقىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 29-ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

ئۇ تەبرىك تېلېگراممىسىدا: «جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 100-يىللىقىنى تەبرىكلەشكە تەييارلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، 2023-يىللىق نىشانغا يېتىش قەتئىي ئىرادىمىز بىلەن يولىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«ئازادلىق كۈرىشىدە يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە مەھكەم ئىتتىپاقلاشقان خەلقىمىز، بۈگۈنمۇ ئىتتىپاقلىق، باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىق ئىچىدە كېلەچىكىنى بىنا قىلىۋاتىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىشىدىن بىئارام بولغانلارنىڭ گەپ-سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. دۆلىتىمىز كىمنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە ۋە نېمە قىلغانلىقىغا قارىماستىن، ئۆزىنىڭ نىشانى ۋە ئۆزىنىڭ پىلانىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. قۇرغۇچى ئىرادە بۇ ۋەتەننى قانداقلارچە يەتتە جاھانگىر كۈچنىڭ پىلانلىرىنى بىتچىت قىلىپ ئازاد قىلغان بولسا، بىزمۇ نىشانىمىزغا ئوخشاش شەكىلدە قەتئىي يېتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر